ئانا تىل ئۈگىنىشىدە قېيىنچىلىق ھېس قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرىلىتىش

ۋاقىت : 2014-09-04 17:48│ مەنبەسى : يوللىغۇچى : باھادېر│ كۆرۇلىشى : قېتىم
باشلانغۇچ مەكتەپ ئانا تىل ئۈگىنىشىدە قېيىنچىلىق ھېس قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرىلىتىش جەريانىدىكى چارە-تەدبىرلەر

 


ئانا-تىل ئنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي تەركىۋى قىسمى. ئۇ بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۆۋرۈكى. تىل- ئەدەبىيات دەرىسى ئانا تىل دەرىسى بولۇش سۈپۈتى بىلەن، ئاساس مائارىپىدىكى ئاساسىي دەرىس بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىك تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان دەرس. لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى شۇنداقلا، قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تەدرىجى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇنداق مۇھىم دەرىستە كەينىدە قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىزنى نىمىنىدۇ ھېس قىلدۇرماي قويمايدۇ.ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرلىتىش تەلىم-تەربىيە ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ،ئۇ بىر تۈرلۈك ئومۇملۇققا ئىگە ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت. شۇڭا،مەن ئانا- تىل دەرىسىدە كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرلىتىش جەريانىدىكى چارە- تەدبىرلەر توغرىسىدا توختالماقچىمەن.

1.ئوقۇتقۇچى توغرا تەربىيە ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ھەممىمىزگە مەلۇم ،تەلىم-تەربىيە ئىدىيىسى تەربىيە ئەمەلىيىتىدە يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. توغرا تەربىيە ئىدىيىسى بولغاندىلا، ئاندىن توغرا تەربىيە ئەمەلىيىتى مەيدانغا كېلىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككەندە، سەبىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھېسسىياتتا ئورتاقلىشىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.ھېسسىياتتا ئورتاقلاشقاندىلا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي دۇنياسىنى، قىزىقىشىنى، خاراكتېرىنى، قىممەت قارىشىنى تولۇق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ساپاغا ئىگە قىلىدۇ.”بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساغلام خاسلىقىنى يېتىلدۈرۈش“،”بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق“دېگەن دەل نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ئوۇغۇچىلار قارىشىدۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلارھەرگىزمۇ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسى ناچار، قانچە ئەجىر قىلغان بىلەنمۇ ئۆزگەرمەيدۇ، ئىلگىرىلىشىدە ئۈمىد يوق دەپ قارىماستىن، بەلكى ئۇلارغا تېخىمۇ بەكرەك كۆيۈنىشى، ئۇلارنى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كۆرۈپ، ئۇلارنى ئىلگىرىلىتىشنى مۇھىم ۋەزىپە دەپ ھېسابلىشى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىشىنىشى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلاردىكى چاقناش نۇقتىلىرىنى بايقاپ، ئىلگىرىلىتىش چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدۇ.

2. ئارقىدا قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىش لازىم. كېسەلنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى،نېمە كېسەل ئىكەنلىكىگە توغرا دىئاگنوز قوغاندىلا،ئاندىن مۇۋاپىق رېتسىپ بويىچە ئۈنۈملۈك دورا تەييارلىغىلى، كېسەلنىمۇ تېز ساقايتقىلى بولىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا زادى نېمە سەۋەب بولدى؟ دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. سەۋەبسىز نەتىجە بولمىغىنىغا ئوخشاش بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدا ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق سەۋەب بولىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى كۆپرەك كۆزىتىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي، دوستانە ھالدا سۆھبەتلىشىش، ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش،باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇلارغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئىگىلەش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ،ھەربىر ئوقۇغۇچىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىنى ئېنىقلاشقا، ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، شۇ ئاساستا كونكىرېت تەھلىل قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، مەسىلىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى لازىم. تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى بالىلارغا قانداق كۆيۈنۈشتە، ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن، ئەخلاقى ناچار ئوقۇغۇچىلارغا يامان كۆزدە قاراپ،ئۇلارغا كۆيۈنمىسە، ئۇلاردا بىر خىل گۇمانلىنىش پىسخىكىسى ۋە قارىشىلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ ھەم ئوقۇتقۇچىغا قارىتا ھەر ۋاقىت مۇداپئەلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ئىللىق، تېخىمۇ مېھرىبان مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئالغا بېسىش ئىرادىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىشى كېرەك. كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشتە كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى قوزغاپ ياردەم بېرىش كېرەك.مەسىلەن، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئولتۇرغۇزۇپ ياردەم بەرگۈزۈش،ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قىزىقتۇرۇپ قاتناشتۇرۇش بىللە ئىلگىرلىتىش قاتارلىقلار... مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلارمۇ ئەمەلىي ھەركىتى، ياخشى نەتىجىسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا بەل باغلايدۇ.

3. ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئەمەلىيىتى جەريانىدا،ھەر بىر ئوقۇۈۇچىنى ئۆگىنىشنىڭ ھەقىقىي خو-جايىنلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،.ئىشنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك.ئوقۇ-غۇچىلارغاپا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى تەكىتلەپ،ئاساس بىلىملەر ۋە ئاساس ماھارەتكە ئېرىشىش جەريانى بىلەن ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش ۋە توغرا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق،ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلپۈنۈشكە،ئىزدىنىشكە،ھەقىقىي قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.

4.تەلەپنى مۇۋاپىق قويۇپ،”پەرىقلىق“ مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ئوقۇغۇچىدا كەينىدە قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ئىكەن، باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ھەرقايسى تەرەپلەردە ئېنىقلا بەلگىلىك ئارىلىق پەيدا بولىدۇ، ئارىلىقنى تولۇقلاشقا ئەلۋەتتە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. تېز ۋاقىت ئىچىدە تولۇقلاشقا ئالدىراپ تەلەپنى يۇقىرى قويغاندا، ”مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش “ تەك ئاقىۋەت كېلىپ چىققىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلار ئىلگىرىلەش ئەمەس،بەلكى بېسىم ھېس قىلىپ، ئارىلىق تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا دەرىسخانىدا سوئالنى ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىنلا سوراپ، كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تاشلاپ قويماي، ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا سوئالنىڭ قاراتمىلىقى بولىشى، ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋاپنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارغا غەلىبە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى، كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار خاتا جاۋاپ بېرىپ قويسا ھەرگىزمۇ ئۇلارنى كەمسىتمەي، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىكى كېرەك. تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرغاندا،تاپشۇرۇقنىڭ شەكلى خىلمۇ خىل بولۇشى، مەزمۇنىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى،تاپشۇرۇق سەۋىيىسى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى شۇنداقلا يېتەكچىلىك ۋە تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بولغان ئىشەنچىسىنى تەدرىجىيتۇرغۇزۇش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئىلگىرىلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ھامان ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ماختاپ، رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم.

5.كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشقا ئېتىبار بېرىش لازىم. كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن بولغاچقا،بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى چەكلەش، ھەتتا بەزىبىر پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرماسلىقنى جازالاش ۋاستىسى قىلىدۇ. بۇ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ توغرا پىسخىك ساغلاملىقىنى يېتىلدۈرۈشكە زىيانلىق. كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار بۇنداق چەكلىنىش ، ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئۇلارنى ھەرخىل قىزىقارلىق پائالىيەتلەرگە ئاۋۋال قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى پائالىيەت جەريانىدا جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇش، ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە پۇرسەت بېرىش كېرەك.

6.كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم
كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرسىزلىگى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلاردا ئازراق نەتىجە كۆرۈلسە ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ماختىشى كېرەك. كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار باشقا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش ياخشى ئىش قىلغاندا ئوقۇتقۇچى ئالدىبىلەن ئۇلارنى تەقدىرلىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى كۆتۈرۈشى،ئۇلاردا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى كېرەك. كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەربىر قەدەمدە غەلىبە قازانغانلىق خوشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلىش، روھىي جەھەتتە مەمنۇنلۇق ھېس قىلدۇرۇش ،بۇ ئاقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ھالدا ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىغا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

كىشىلىك جەمىيەتتە ھەرقانداق ئادەم باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمايدۇ، ئارقىدا قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنداق.لېكىن مۇھىت،ئۆسۈپ يېتىلىش شۇنداقلا تەلىم-تەربىيە قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە پەرىق شەكىللىنىشى مۈمكىن.بىراق كەينىدە قېلىشنى مەڭگۈلۈك دېيىشكە بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ كەينىدە قېلىشى بەكمۇ قورقۇنىچلىق ئەمەس،بەلكى ئۇلارغا ”كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس“ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ھېس قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئانا تىل ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغان خاراكتىرنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ كەمسىتمەي، ئۇلارغا كۈيۈنۈشىمىز.توغرا ئىدىيە،يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى، قىزغىن مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق كەينىدە قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىنقىلار سېپىگە قوشۇۋېلىشىمىزلازىم. ( تەھرىر : ئىزدەن)